تەگلىك رەسىم

كورلا سەپىرى

2023-يىلى10-ئاينىڭ12-كۈنى 160 قېتىم كۆرۈلدى 0 باھا بار 0 دانە يۈرەك

سالام ئەزىزلەر ! ھەممىڭلارنىڭ ھەر ۋاقتى گۈزەل بولسۇن ! كەلگەن قەدەملىرىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن !
گۈزەل ياز ئايلىرىدا خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن ساياھەتچىلىكتىن ئېغىز ئاچىش بىر مەسىلە ئىدى ، شۇنىڭدىمۇ بۇ گۈزەل ياز كۈنلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بولسىمۇ گۈزەل ساياھەت ئورۇنلىرىغا بارالمىساقمۇ تەبىئەت گۈزەللىكىنى ھىسقىلىش كاللىمىزنى ئارام ئالدۇرۇش مەخسىتىدە كورلا سەپىرىنى ئىككى دوستۇم بىلەن باشلىۋەتتۇق ، بىرىنجى بىكەت ئاقسۇ شەھرى بولدى ، ئاقسۇ توغرىسىدا كۆپ سۆلەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىدىم ، چۈنكى ئاقسۇ شەھرىنىڭ گۈزەللىكىگە بولۇپمۇ دەريا بويىنىڭ گۈزەللىكىگە قىقاس ھە گەپ كەتمەتمەيدۇ...
شۇنىڭ بىلەن ئاقسۇدا بىر قونۇپ داۋاملىق يولغا يۈرۈپ كەتتۇقتە ، ماڭا -ماڭە گۈزەل كورلا شەھرىنىڭ لوپنۇرىغا كىلىپ قالدۇق ، ئەلۋەتتە ھەممىمىز بىلىمىزكى لوپنۇر گۈزەل جاي شۇڭا لوپنۇرنىڭ ساياھەتچىلىكىمۇ شۇنداق جانلانغان ، لوپنۇرغا كىرە - كىرمەي بۇ يەردە داڭلىق كاۋاپخانىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ شۆلگەيلىرىمىزنى ئېقىتىپ ئاشخانىغا كىرىپ كەلدۇق ، بۇ يەر خۇددى ئادەم دېڭىزىغا ئوخشايتى 】
بۇ ئاشخانىدا تاماقلار غەزەپ ئوخشىغاندىن باشقا كاۋاپلىرىنى بىر دىمەڭ تەم دەمسىز ياكى كاۋاپلارنى تۈرىنى دەمسىز ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىپلا قالماستىن ئىشتەينىمۇ ئېچىۋىتىدۇ ، تائاملارنى يەپ بولغاندىن كىيىن سىرىتقا چىكىپ كاۋاپچى بىلەن بىردەم ھەم سۆھپەتتە بولدۇم ، بۇ ئاشخانىدا ساياھەت جانلانغان ۋاقىتتا 100 قوينىڭ بىر كۈندە تۈگەيدىغانلىقىنى بىلدۇق ..。
شۇنداق قىلىپ بىڭتۈۋەن 51- تۈۋەنگە مېڭىپ كەتتۇق ، بىڭتۈۋەن 51- تۈۋەنمۇ كورلا شەھرىدىن 160 كىلومىتىردىن ئارتۇق كىلىدىغان بولۇپ بۇ يەرمۇ شۇنداق گۈزەل ئىكەن ، مەن بۇ يەردە ھاياتىم بويىچە تارتقان ئەڭ گۈزەل بىر پارچە رەسىمنى تارتتىم ( دوسلار سىلەر بىر باھا بىرىپ بېقىڭلار قانداقراق تارتىپتىمەن )
بۇ يەردىكى ساياھەتلەرنى تۈگىتىپ گۈزەل كورلا شەھرىگە قايتىپ كورلىنىڭ گۈزەل كەچلىك مەنزىرىسىدىن ھۆزۇرلىنىپ بىر كىچە ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئارقىمىزغا قايتتۇق ، ئۇدۇللا قايتىشقا كۆڭلىمىز ئۇنىماي كۇچا شەھرىنىڭ 217 يول بۈلىكىگە كىرىپ ئۇدۇل ئالار شەھرىگە ماڭدۇق ، ئارال شەھرىگە بارغىچە بۇ يولنىڭ گۈزەللىكى تەبىيلىكى مىنىڭ بۇ گۈزەللىكنى تەسۋىرلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ ، شۇنداق قىلىپ قىسقىغىنە ساياھىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلدۇق ( تۆۋەندىكى فىلىمنى تۇلۇق بىر كۆرۈپ چىقىڭ ، ھەمدە باھا بىرىشنى ئۇنتىماڭ )

0 يۈرەك
قوللاش

—— باھا رايۇنى ——

تەخەللۇس
ئىلخەت
بىكەت
ئەمەلدىن قالدۇرۇش
كۈيلىرىم
Title Artist Album
ۋاقىت كۆرسەتمىسى
ئەقلىيە سۆزلەر