تەگلىك رەسىم

خوتەن سەپىرى

2023-يىلى09-ئاينىڭ27-كۈنى 72 قېتىم كۆرۈلدى 0 باھا بار 0 دانە يۈرەك

مەرھابا ! ئەزىزلەر باسقان قەدەملىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن !


بۇندىن 22 يىل مۇقەددەم ھەريە - ھەريەدىن بولۇپ 40 قىران ياشلار ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلىرىنى ئېلىپ ئۆلكىمىزنىڭ شىمالىغا جايلاشقان شەھەرلەردىن بىرى بولغان كۈيتۈن شەھرىگە يىغىلدۇق ، شۇنداقلا ئاشۇ ئارزۇلىرىمىز ئۈچۈن ھەم شۇنداقلا ۋەتىنىمىزنىڭ چاقىرقىغا بىنائەن ئىككى يىللىق مەجبۇرىيىتىمىزنى دەل ئاشۇ كۈيتۈن ، مايتاغ ، غۇلجا قاتارلىق گۈزەل شەھەرلەردە تاملىدۇق ، ئېچىنىشلىقى شۇكى يىغىلماقنىڭ تارقالماقلىقى بولغىنىدەك 2003-يىلى 12-ئايدا كۆزىمىز قېيمىغان ھالدا ئاشۇ گازارما ۋە سەپداشلار بىلەن خوشلاشتۇق ، شۇ ئايرىلغانچە سەپداشلىرىمىزنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ھىساپقا ئالمىغاندا كۆپ قىسىم سەپداشلىرىمىز بىلەن 20 يىل كۆرۈشەلمىدۇق ، چۈنكى خىزمەت ، ئائىلە ، تورمۇشنىڭ ئاچچىق - تاتلىق ، سوغۇق - ئىسسىقلىرىدا ھاياتلىق ئۈچۈن توختىماي تىرىشتۇق ، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە گۈزەل خوتەن ۋىلايىتى قارقاش شەھرىدىكى سەپدىشىمىزنىڭ قۇتلۇق توي مەرىكىسى باھانىسىدە بىر قىسىم سەپداشلار گۈزەل خوتەن شەھرىگە يىغىلدۇق


ئەلۋەتتە 20 يىل دىمەككە ئاسان لىكىن ئويلىنىپ كۆرسىڭىز بۇ 20 يىل ھەقىقەتەن ئۇزۇن بىر يىللار بولۇپ رەھىمسىز يىللار بىزنى ئاشۇ ئاچچىق - تاتلىقى ، سوغۇق - ئىسسىقى بىلەن بىزنى تاۋلاپ ياشتىن ئوتتۇرياشقا ئېلىپ بارغان ئىدى ، شۇنداقتىمۇ بىز كۆرۈشۈپلا خۇددى بىر ئۆمۈر ئارلاشقان يېقىن بۇرادەرلەردەك ھىچقاندان يىتىقاش ، تارتىنىش يوق ، خۇددى تۈنۈگۈن كۆرۈشكەن جامۇقا بۇرادەرلەردەك ھىسقىلدۇردىدە بىز خۇددى تۆنۈگۈنكىدەك 20 يىل بۇرۇنقى گازارمىدا بولۇنغان ئىشلارنى قىزغىن پاراڭ ھەم مۇنازىرىلەر بىلەن باشلىۋالدۇق ، گەرچە بىز 20 يىل كۆرۈشەلمىگەن بولساقمۇ بۇ ئارىمىزدىكى مىھىر - مۇھەببەتكە قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمىدى ، شۇ ئەسنادا قانداق تاڭ ئاتتى ئۇقالمايلا قالدۇق بىر كىچە خۇددى بىر سائەتتەك 20 يىل خۇددى 20 كۈندەك ئۆتتى ، شۇ دەقىقىدە گازارمىدا بولۇپ قالغان بولساق ھە تۇلىمۇ ئەپسۇن يىللار ئالدۇراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ ، ۋاقىت شۇ يىللارنىڭ ئوغرىسى دىگەندەك سەپداشلىرىمىز ئاشۇ يىللارنىڭ ئالدىدا چاشلارغا ئاق كىرىپ ئوتتۇرا ياشتىن چوڭ ياشلىقلار پۇيىزىغا قاراپ ماڭماقتا ئىدۇق ، ئامالىمىز قانچە بىزنىڭ يەنىلا رەھىمسىز يىللارغا تەن بەرمەي ئاشۇ قورغانغا يەنە بىر پۇرسەت بولسا بارغۇمىز بارئىدى ، لىكىن تۇلىمۇ ئەپسۇس ئۇ گازارما بەئەينى قورغانغا ئوخشايدۇ ، سىرتىدىكىلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈسى كىلىدۇ ، ئىچىدىكىلەرنىڭ سىرىتتقا چىققۇسى كىلىدۇ

20 يىل بۇرۇن

20 يىل كىيىن


شۇنداق قىلىپ سەپدىشىمىزنىڭ تويىنى تۈگۈتۈپ يەنە بۇرۇنقىدەكلا كۆزلىرىمىز قېيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق ھەم گۈزەل خوتەندىن ئايرىلدۇق ، يېنىش يولۇمدا گۈزەل ياركەنىت ( يەكەن ) دىيارىدىن ئۆتكىچە سەپداشلىرىمنىڭ بىزنى قۇيىۋەتكىسى كەلمەي بىر ۋاق تاماق بولسىمۇ يەپ مىڭىڭلا دەپ تەكلىپ قىلغانلىقى شۇنداقلا دەل چۈش ۋاقتىغا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن بىزمۇ قۇرۇق تۈزۈتنى قىلىپ ئوتۇرماي گۈزەل ياركەنىت ( يەكەن ) نى كۆرۈپ ماڭايلى دەپ كىردۇق ، دەرۋەقە ياركەنت ( يەكەن ) دىمۇ غەزەپ ئۆزگۈرۈشلەنىڭ بولغانلىقىنى بايقىدۇق ، دۆلىتىمىزنىڭ يىتەكلىشىدە گۈزەل ياركەنىت ( يەكەن ) تە ئالەم شۇمۇل ئۆزگىرۈشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بايقىدۇق شۇنداقلا سۈيۈندۇق


شۇنداق قىلىپ ياركەنىتتە ( يەكەن ) ئىسىل مۇھىت ئوخشىغان تائاملارغا ئېغىز تەگكەچ گۈزەل مۇھىتتىن ھوزۇرلاندۇق ، ئەلۋەتتە مۇھىتمۇ بىر مۇھىم ئامىل بولۇپ مۇشۇنداق گۈزەل مۇھىتقا ئوخشىغان تائاملار قوشۇلۇپ ئادەمگە ئوخشىمىغان بىر تەسىر بەردى ...


غىزالىنىپ بولغاندىن كىيىن سەپداشلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن ياركەنت ( يەكەن ) قەدىمى خان ئوردىسىنى زىيارەتتە بولدۇق ، ھازىر دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ ساياھەت پەسىلى بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەل ياركەنت ( يەكەن ) قەدىمى خان ئوردىسىمۇ قايناق قىزغىنلىققا چۆمگەن بولۇپ ياركەنت ( يەكەن ) قەدىمى خان ئوردىسىنى زىيارەت قىلغىنى كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى ، بولۇپمۇ ئىچكىر ئۆلكىلەردىن كەلگەن سايائەتچىلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ ئۇلار بىر تەرەپتىن قەدىمى خان ئوردىسىنى زىيارەت قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن سەنئەتچىلەر ئوينىغان ئۇيۇنلاردىن ھوزۇر ئالاتتى ، ئەلۋەتتە كەمىنە پېقىرمۇ ساياھەتچى بولغانلىقىم ئۈچۈن ساياھىتىمنى باشلىۋەتتىم


شۇنداق قىلىپ ۋاقىت سەۋەپلىك كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا گۈزەل يەكەندىنمۇ ئايرىلدۇق ، ئاخىرىدا پەقەت ۋە پەقەت يېڭىسارلىق سەپدىشىم ئىككىمىز قالدۇق ، بىز گۈزەل پاراڭلار بىلەن سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتۇق لىكىن ئامال قانچە بۇ ئازغىنە ۋاقىتمۇ شۇنچە تىز ئۆتتىمۇ ياكى ماشىنىنى تىز ھەيدىۋەتتىممۇ بىردەمدىلا كۆز ئالدىمىزدا گۈزەل يېڭىسار كۆرۈندى ، ئىككىمىز تارتىشىپ تارتىشىپ يېڭىسار ناھىيەسىگە كىرىپ كەلدۇقتە سەپدىشىمنى ئۈيىنىڭ ئالدىغا يەتكۈزىۋەتكەندىن كىيىن سەپىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم
شۇنداق قىلىپ قىسقىغىنە خوتەن سەپىرىممۇ شۇنداق قىلىپ ئاخىرلاشتى ، ئاخىرىدا دەيدىغىنىم سەپداشلىرىم ئامان بولسۇن ، گۈزەل سەپداشلىرىمنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، ئائىلىسىنىڭ خۇشال خۇرام ، باللىرىنىڭ ساغلام چوڭ بۇلىشىنى چىن كۆڭلەمدىن ئۈمۈد قىلىمەن

قىسقا فىلىم ھوزۇرۇڭلاردا

فوتۇگىراف : پارھات يېڭىسار
فىلىم كىرىشتۈرگۈچى : پارھات يېڭىسار

0 يۈرەك
قوللاش

—— باھا رايۇنى ——

تەخەللۇس
ئىلخەت
بىكەت
ئەمەلدىن قالدۇرۇش
كۈيلىرىم
Title Artist Album
ۋاقىت كۆرسەتمىسى
ئەقلىيە سۆزلەر